پاكىستانلىق كالتەكتوپ چولپىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان چاقىرىقىنى ئۆچۈرىۋېتىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

پاكىستانلىق داڭلىق كالتەكتوپ توپچىسى، پاكىستان دۆلەتلىك كالتەكتوپ ئەترىتىنىڭ سابىق تېرىنېرى شاھىدخان ئافرىدىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ يازغان تىۋىتتېر ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

شاھىدخان ئافرىدى 22 - دېكابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابىدا « ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم پاراكەندە بولدى. مەن (پاكىستان باش مىنىستىرى) ئىمران خاننى بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىمەن،» دېگەن.

ئۇ يەنە تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ « بىز خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق،» دېگەن.

بىراق شاھىدخان ئافرىدى يۇقىرىقى تىۋىتتېر ئۇچۇرىنى بىر كۈندىن كېيىن ئۆچۈرۈۋەتكەن بولۇپ، بۇ ۋەقە تىۋىتتېردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

«لوس - ئانژېلىس كىتاب تەنقىدچىلىكى» ژورنىلىنىڭ ياردەمچى تەھرىرى ۋە تىۋىتتېردا 16 مىڭدىن ئوشۇق ئەگەشكۈچىسى بولغان پائالىيەتچى ئىدرىس ئەخمەد كالتەكتوپ چولپىنى شاھىدخان ئافرىدىنىڭ تىۋىتتېر ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ تىۋىتتېردا شاھىدخاننىڭ شۇ كۈنكى ئۇچۇرىنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇپ «تۆنۈگۈن پاكىستانلىق كالتەكتوپ چولپىنى شاھىدخان ئافرىدى ئىمران خاننى ئۇيغۇرلار ئۇچۈن سۆزلەشكە چاقىرغان شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانىسى ئەيىبلىگەن ئىدى. بىراق ئۇ كېيىن بۇ ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلاندى. سىز بۇ رەسىمنى قايتا ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بۇنداق جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى نارازىلىقىزنى ئىپادىلەڭ،» دېگەن سۆزلەرنى قىلغان. نەتىجىدە بۇ رەسىم 600 قېتىمدىن ئوشۇق ھەمبەھىرلەنگەن.

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى باشقا مەسىلىلەردە غەرب ئەللىرىنى خۇددى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغانغا ئوخشاش باشچى بولۇپ تەنقىدلەشتە تونۇلغان «قەھرىمان» بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە «ئاڭلاپ باقمىدىم، كۆرۈپ باقمىدىم» دىيىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ سەۋەبلىك ئۇ خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىد ۋە مەسخىرە ئوبىكتى بولۇپ قالغان.