پاكىستاننىڭ «خەۋەر» ناملىق تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، پاكىستان ئىسلام ئىدېئولوگىيە كېڭىشىنىڭ ئۆلىمالىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن خىتاينى ماختاپ، «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ سىياسىتى بىلەن ھەم دىنىي ھەم ئىقتىسادىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ زىيارەتكە پاكىستان ئىسلام ئىدېئولوگىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى، دوكتور مۇھەممەد راغىب ھۈسەيىن نائىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنىڭ 11 كىشىلىك ئەزاسى قاتناشقان. ئۇلار بېيجىڭ، شىئەن، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە 10 كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى مەسچىت باشقۇرۇش كومىتېتلىرى ۋە كومپارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ۋەكىللەر ئۆمىكى قەدىمكى شىئەن مەسچىتى، قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ۋە شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلىپ، شەيخ ئابدۇلرەقىب، شەيخ ئىبراھىم ۋە شەيخ جۈمە قاتارلىق داڭلىق مۇسۇلمان رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى»
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، زىيارەت داۋامىدا ئىسلام ئىدېئولوگىيە كېڭىشىنىڭ رەئىسى، دوكتور مۇھەممەد راغىب ھۈسەيىن نائىمى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قاتتىق مەدھىيەلىگەن. ئۇ «خىتاينىڭ ئەڭ غەربىدىكى شىنجاڭلىق مۇسۇلمانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاكتىپ سىياسىتى سەۋەبىدىن ھەم دىنىي، ھەم ئىقتىسادىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ. ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەت سورۇنلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاپتۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.
خەۋەردە يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتى مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ قەشقەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلاپتۇ. بۇ ئۆزگىرىش يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقۇنلۇقنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشىگە تۆھپە قوشۇپتۇ. بۇ تىرىشچانلىق 2016-يىلدىن باشلاپ، رايوندىكى تېررورلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يوقىتىپتۇ» دېگەندەك ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىدە پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دىنىي ئۆلىمالىرى ۋە پاكىستان ئاخباراتلىرىدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولغان «ھەممىگە ئادالەت» تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتون ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى، خېنا زۇبەرى خانىم تېخى يېقىندا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «پاكىستاندا ‹خىتاي-پاكىستان دوستلۇقى› تەشۋىقاتىنىڭ بالىلاردىن تارتىپ سىڭدۈرۈلۈۋاتقانلىقى» نى، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي نەپنى دەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.