پاكىستاندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئۈچ خىتاي ئوقۇتقۇچى ئۆلدى

26-ئاپرېل كۈنى پاكىستانلىق بىر ئايال كاراچى شەھىرىدىكى كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىپ ئۈچ خىتاي ئوقۇتقۇچى ۋە بىر پاكىستانلىقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۈچ خىتاي ئوقۇتقۇچى باشقا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئاپتوبۇستا مەكتەپكە قايتىۋاتقاندا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بومبا پارتلىغان ۋە شۇ يەردە ئۆلگەن.

بۇ قېتىمقى «ئادەم بومبا» ھۇجۇمىدىن كېيىن بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى دەپ ئاتالغان تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدەك ساقچىلارغا «ئادەم بومبا» بولغان ئايالنىڭ ئىككى بالىسى بىلەن چۈشكەن ئىلگىرىكى سۈرىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەن. كاراچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غۇلام نەبى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۆلگەنلەر خىتاي ئىكەن. بومبىلىق ئايال بەلكىم ئاشۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىتايلارنىڭ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» دا خىتاي تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلىدىكى بومبا ھۇجۇمىدا پاكىستاندا سۇ ئامبىرى ياساۋاتقان 13 خىتاي ئىنژېنېرى ئۆلگەن ئىكەن. خىتايلارنى نىشان قىلغان بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار پاكىستاندا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىغا نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان بالۇچىستان قوراللىقلىرى ھەرقاچان مۇشۇنداق ھۇجۇملارغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلمەكتە ئىكەن. بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ ئەھۋالى چوڭ جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، بالۇچىستانلىقلار پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز زېمىنىنى بېسىۋالغانلىقىنى، ئەمما شۇنچە كەڭ زېمىنغا ئىگە بالۇچىستان پۇقرالىرىنىڭ پاكىستاندا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا ئورنىدا كەمسىتىلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بالۇچىستان زېمىنىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تالان-تاراج قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتىكەن.

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆپ قىسمى بالۇچىستان تەۋەسىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئادەم بومبا ھۇجۇمى يېڭىدىن تەختكە چىققان شەھباز شەرىف ئۈچۈن بىر يېڭى خىرىس، دەپ قارالماقتا ئىكەن.