5-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئادەم بومبا ھۇجۇمى بولۇشى مۇمكىنلىكى گۇمان قىلىنىۋاتقان بىر پارتلاشتا، ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن، ئاز دېگەندە ئون ئادەم يارىلانغان.
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاشتا ئۆلگۈچىلەر ئۈچ ئادەم بولسىمۇ، ئۈچىنچى كىشىنىڭ ھۇجۇمچى بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىدىن «بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» ھۇجۇمنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قەشقەر بىلەن گۋادار ئارىسىدىكى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى بولغان گۋادار پورتى، بالۇچىستان ئۆلكىسىگە جايلاشقان. ھالبۇكى، «بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم نىشانلىرىنى پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشى قاتنىشىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا ۋە شىركەتلىرىگە قارىتىپ كەلگەنىدى.
بۇ قېتىملىق ھۇجۇم پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى موھسىن نەقۋى بىلەن خىتاي مەركىزى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن مىنگونىڭ ئۆتكەن ئاي ئىسلامئابادتا كۆرۈشۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، چېگرا باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بەرگەن. پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى» نى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، شۇنداقلا گىلگىت-بالۇچىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈشكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.
BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 5-ئۆكتەبىر كەچتە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ سىندى ئۆلكىسىدىكى قۇرۇلۇش تۈرىگە قاتنىشىۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى نىشان قىلغان «تېررورلۇق ھۇجۇم» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، «بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» 6-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ھۇجۇمنىڭ كاراچى ئايرودۇرۇمىدىن كېلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئىنژېنېرلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى نىشان قىلغانلىقى» بىلدۈرگەن. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ھۇجۇم «بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ «مەجىد برىگاداسى» دىكى شاھ فاھاد ئىسىملىك جەڭچى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانىكەن. باياناتتا، ھۇجۇمنىڭ «ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان پارتلاتقۇچ بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى» تەكىتلەنگەن.