خىتاي ئەلچىخانىسى ئانا تىل ئۆگىتىش ۋەدىسىدە تۇرمىدى، 50 چە ئوقۇغۇچى مەكتەپ ئالماشتۇردى

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئانا تىل مەكتىپى ئېچىپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىگەن ئىدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەرقانداق بىر پائالىيىتىدىن بىئارام بولۇپ كەلگەن ئىسلامئاۋاتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى دىپلوماتىك كۈچى ئارقىلىق مەزكۇر مەكتەپنى تاقاتقان ۋە ئۆزلىرى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ۋەدىسى بىلەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى توپلىغان ئىدى.

بۈگۈن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى مەزكۇر ۋەدىسىدە تۇرمىغان Peak Montessori نامىدىكى بۇ مەكتەپتە ئوردۇچە بىلەن خىتاي تىلىدىلا دەرس بېرىلگەن. نەتىجىدە بۇ مەكتەپكە يىغىلغان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 50 نەچچىسى يېقىندا مەكتەپ ئالماشتۇرغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەرجان ئەپەندى، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىقى سەۋەبلىك، پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ئۆگىتىش يولىدا خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېقىنىپ قالغانلىقىنى، ئەلچىخانىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەبىئىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ پات يېقىندا بۇ مەكتەپتىن يەنە 20-30 ئوقۇغۇچىنىڭ ئايرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.