پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىۋالغان پاكىستانلىق تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قويۇپ بېرىشكە باشلىغان.
پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان فېدېراتسىيە رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى فائىزۇللاھ راخمان فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا لاگېردىكى «مۇتلەق كۆپ قىسىم» ئاياللارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. لېكىن، فائىزۇللاھ راخمان زادى قانچە ئايالنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھازىر قانچىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە قانچە ئايالنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماشقا باشلىغاندا پاكىستانلىقلارغا نىكاھلانغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىمۇ تۇتقۇن قىلغان. بۇ، تۇتقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پاكىستانلىق ئائىلىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. لېكىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى.
يېقىندا پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇلار لاگېرغا قامالغان 9 نەپەر ئۇيغۇر ئايالنىڭ پاكىستاندىكى ئەرلىرىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاياللىرىنىڭ 3 ئايغىچە شىنجاڭدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۇ جەرياندا بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە ماسلىشىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىكەن. ئايالى لاگېرغا قامالغان پاكىستانلىق بىر قاشتېشى سودىگىرى «ئۇلار ئايالىمنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە ماسلىشىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغانلىقى، ئەگەر ئۇلار ئۇنى جەمئىيەتكە ماسلىشالمىدى، دەپ قارىسا يەنە ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان» دېگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاياللار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەزكۇر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پاكىستانلىق ئەرلىرىنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ «خىتاي جەمئىيىتىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى ۋە دىنىي ئىدىيەلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئاشكارا ئىپادىلىشى كېرەك» ئىكەن.
يېقىندا ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ ئايالىنى يوقلاپ كەلگەن پاكىستانلىق بىر تىجارەتچى ئايالى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار لاگېردا چوشقا گۆشى يېيىشى، ھاراق ئىچىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ بۇنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇۋېتىپتۇ» دېگەن.