پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان

پاكىستان باش مىنسىتىرى ئىمران خان 10-ئاپرېل كۈنى پارلامېنتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي تەختتىن چۈشكەن.

كۆپلىگەن خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئىمران خان ئىلگىرى پارلامېنتى تارقىتىۋېتىپ، بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىلگىرى ئۆزىگە خىرىس پەيدا قىلغان سىياسىي رەقىبىنىڭ يولىنى توسىماقچى بولغان. ئەمما پاكىستان ئالىي سوتى ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، باش مىنىستىرغا ئىشەنمەسلىك بېلىتى تاشلاش قارارى بەرگەن.

ئىمران خان 2018-يىل پاكىستاننىڭ باش مىنىسىتىرى بولۇپ سايلانغاندىن بېرى پاكىستاندا كۆزگە كۆرۈنگىدەك نەتىجە يارىتالمىغان، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇنى «ئىقتىسادنى باشقۇرالمىدى» دەپ ئەيىبلەپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ھەمدە كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 10-ئاپرېل كۈنى پاكىستان پارلامېنتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئىمران خاننى باش مىنىستىرلىقتىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ئۆكتىچى پارتىيە رەئىسى شەھباز شەرىفنى يېڭى باش مىنىسىترلىققا سايلىغان. پاكىستان مۇسۇلمانلار بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولغان شەھباز شەرىف پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنىڭ ئىنىسى ئىكەن؛ ئۇ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، 2023-يىل ئومۇمىي سايلام بولغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.

ئىمرانخان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن بېرى خىتاي بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ كەلگەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى قوللىغان ھەمدە 27-مارت كۈنى يۈز مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرىغا قىلغان سۆزىدە خىتاينى ماختاپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ» دېگەنىدى. مۇسۇلمان كۆزەتكۈچىلەر، ئىمران خاننىڭ پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلامغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان كوممۇنىست خىتاينى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ» دېيىشى، ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ۋە تۈپ پرىنسىپلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئىگىرى سۈرمەكتە.