پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى قارار چىقىرىپ، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىفنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاشقا، ئائىلىسىنىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇغان.
ئالىي سوت يەنە، ناۋاز شەرىف ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە مىنىستىرى ئىساق دارنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرۇغان. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئالىي سوتىنىڭ قارارىدىن كېيىن، ناۋاز شەرىف باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2015-يىلى پاناما ھۆججەتلىرى ئاشكارىلىنىپ، ناۋاز شەرىفنىڭ بالىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى شىركەتلىرىدە نۇرغۇن مال-مۈلك توپلىغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇنىڭ بىلەن پاكىستان خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. پاكىستان ئالىي سوتىنىڭ 5 نەپەر سوتچىسى جۈمە كۈنى چىقارغان قارارىدا بىردەك ناۋاز شەرىفنىڭ «دۇرۇس» بولمىغانلىقى ۋە «پارلامېنت ئەزاسى بولۇش لاياقىتىنى يوقاتقان» لىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان ئالىي سوتىنىڭ قارارىدىن كېيىن، ناۋاز شەرىفنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانلىقى، ئەمما ئالىي سوتنىڭ قارارىغا «جىددىي پىكرى» بارلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ، ناۋاز شەرىفنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى 3-قېتىم ئاتقۇرۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنىڭ ۋاقتى توشۇشقا يەنە بىر يىل قالغان ئىدى. ناۋاز شەرىف 3-قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندا، خىتاي بىلەن قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. ئۇ ئۇيغۇر، گىلگىت بالتىستان ۋە بالۇجىستان يەرلىك خەلقلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بۇ قۇرۇلۇشنى ئاكتىپ قوللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.
ناۋاز شەرىفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنىڭ قەشقەر-گۋادار كارىدورىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما بۇ قۇرۇلۇش، پاكىستانلىق بەزى ئىقتىسادشۇناسلاردا، «بۇ، پاكىستاننى خىتاينىڭ ۋاسسال دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويامدۇ؟» دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلغان.