پاكىستاننىڭ پورت شەھىرى گۋاداردا خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىغان

پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تۈگۈنى بولغان پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىدا، بالۇجى خەلقىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشى پارتلىغان. «دىپلومات» ژورنىلىدا 7-يانۋار ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گۋادارنىڭ سىرت بىلەن بولغان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئۈزۈپ تاشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە تېلېفون ئالاقىسى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنتېرنېت ئالاقىسى 28-دېكابىردىن بۇيان ئەسلىگە كەلمىگەن. گۋاردار پورتى بېيجىڭنىڭ پاكىستانغا 62 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر بىلەن گۋاردارنى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن ھىندى ئوكيانغا چىقىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈنى بولۇپ، پاكىستاننىڭ بۇ پورتنى خىتايغا ئىجارىگە بېرىشى يەرلىك بالۇجىلارنىڭ ئىزچىل قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.

«دىپلومات» ژورنىلىنىڭ خەۋىرىدە، پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ ئىككى ئايدىن بېرى چېدىر قۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان نامايىشچىلارنىڭ چېدىرلىرىغا بېسىپ كىرىپ، «گۋادارنىڭ ھەقلىرىنى بەر» ناملىق ئاممۋىي ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىرىنى ۋە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ بۇ قېتىمقى نارازىلىق ھەركىتىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، پاكىستان دائىلىرىنىڭ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ئاممىۋىي يىغىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي گۋادار پورتىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەرلىك بالۇجى خەلقىغە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىگەن، بەلكى ئۇلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرغان. پورت قۇرۇلۇشىنى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى ئەمەلدارلار كونترول قىلىپ، يەرلىك بالۇجىلاردا يەر زېمىنىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە كىملىك كرىزىسىنى كۈچەيتكەن. خەۋەردە يەنە خىتاي ئىشچى ۋە تىجارەتچىلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشى گۋاداردا نوپۇس ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، بالۇجىلاردىكى كىملىك ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەنلىكى، گۋاداردىكى خىتاي نۇپۇسىنىڭ 2048-يىلىغا بارغاندا يەرلىك بالۇجىلاردىن ئېشىپ كېتىشى پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ بالۇجى خەلقىنىڭ بۇ قېتىمقى نارازىلىق ھەركىتىگە تۈرتكە بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.