پاكىستان 2014-يىلغىچە ئاز دېگەندە 60 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن

كانادادىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە بىخەتەرلىك مۇنبىرى» ناملىق ئاقىللار مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتايغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى، پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كۈچلىرىنىڭ 2014-يىلغىچە تەخمىنەن 60 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئاقىللار مەركىزىنىڭ 21-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، پاكىستاننىڭ 2010-يىلى تېرورلىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بالۇجىستان ئ‍ۆلكىسىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 5 نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇر، شۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

دوكلاتتا پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى 1990-يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلانغانلىقى، پاكىستان خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 14 نەپەر ئۇيغۇر تالىپنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ چېگرىدىلا ئېتىپ تاشلىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پاكىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچقان بولۇپ، پاكىستان دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە 2017-يىلدىن باشلاپ پاكىستان پۇقرالىرى بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئائىلىرىنىڭ پارچىلانغانلىقى، ئىسكەندەر ھايات، غۇلام دۇرانى قاتارلىق پاكىستانلىقلارنىڭ ئاياللىرىدىن ئايرىلغانلىقى، غۇلام دۇرانىنىڭ ئايالىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى لاگېردا ئىكەنلىكى، ئىسكەندەر ھاياتنىڭ ئانىسىنى ئ‍ىزدەپ ئۇيغۇر ئېلىغا كەتكەن ئ‍وغلىنىڭ 2 يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، پاكىستان باشقا دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىنى «مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش ياكى تەقىپ قىلىش» بىلەن تەنقىدلەشتە ھېچ ئىككىلەنمىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشتا ئ‍ۆزىنى «بۇ مەسئۇلىيەتتىن خالىي» قىلىپ كۆرسەتمەكتە ئىكەن.