پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
«مالىيە ۋاقتى گېزىتى» 26-مارت كۈنى ئىمران خان بىلەن ئىقتىسادىي-سىياسىي ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئېلان قىلغان. سۆھبەت داۋامىدا گېزىت مۇخبىرى ستېفانى ئىمران خاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ بۇ سوئالغا «مەن بۇ ھەقتە كۆپ نەرسە بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
بۇنىڭ بىلەن مۇخبىر «تۈركىيەنىڭ بۇنى ئىنسانلىق ئۈچۈن نومۇس» دەپ تەنقىدلىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىمران خان بولسا «ھازىر مۇسۇلمانلار دۇنيا مىقياسىدا ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەگەر بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتىم بولغان بولسا بىر ئىپادە بىلدۈرگەن بولاتتىم،» دېگەن.
ئارقىدىن «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئىمران خاننىڭ سەمىگە ئاياللىرى لاگېرلارغا قامالغان پاكىستان پۇقرالىرىنىڭمۇ بارلىقىنى سالغان، بىراق ئۇ يەنىلا «مېنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوقكەن،» دەپلا گەپنى ئۈزگەن.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاياللارغا ئۆيلەنگەن ئاز دېگەندە 50 نەپەر پاكىستانلىق ئەر ئۆتكەن يىلدىن بۇيان لاگېرغا قامىلىپ كەتكەن ئاياللىرىنىڭ داۋاسىنى قىلىپ، كۆپ قېتىم پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە پاكىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىغا ئەرز سۇنغان شۇنداقلا خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى.
پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بۇ يىل 8-يانۋار كۈنى تۈركىيە مەتبۇئاتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىمران خاننىڭ يۇقىرىقى بۇ پوزىتسىيەسى فېيىسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تور بەتلەردىكى تورداشلارنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان. بەزى تورداشلار ئىنكاسلىرىدا ئىمران خاننىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.