«ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان خىتايدىن پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) قارمىقىدىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى تۈرىدىكى 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق بولغان پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى يېنىكلىتىپ، مالىيە ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ قەرز تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى يېنىكلىتىش تەلىپى ئۇنىڭ توك ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن توك سېتىۋېلىشتا ئېتىبار بېرىشكە ئېرىشىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق ئايلانما قەرزى 11 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بىر پاكىستانلىق پارلامېنت ئەزاسى پاكىستان پرېزىدېنتى ئارىف ئالۋىنىڭ 17-مارت بېيجىڭغا قىلغان زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي تەرەپكە بۇ ھەقتىكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس پاكىستان ئىقتىسادىنىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە خىتايدىن ئالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى مەبلەغلىرىنىڭ قەرزىنى تۆلىيەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان يېقىندا قىلغان بىر سۆزىدە بىر قانچە يىل ئىچىدىلا قەرزنىڭ بىر تىرىليون 500 مىليارد رۇپىيەدىن ئېشىپ كېتىپ، پاكىستاننىڭ قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 2015-يىلى خىتاي دائىرىلىرى بۇ قۇرۇلۇشقا 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ ئىش باشلىغان. 3000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن پاكىستاننىڭ گۇۋادار پورتىنى تاش يول، تۆمۈريول ۋە نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق باغلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا پاكىستان رەھبەرلىرى بۇ كارىدورنى «پاكىستاننىڭ كېلەچىكى» دەپ تەرىپلىگەن، بىراق پاكىستانلىق بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق يۇقىرى قەرز مەبلىغىنىڭ پاكىستاننى مۇنقەرزلىك يولىغا ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.