پاكىستاندا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي شىركىتىنىڭ بىر ئىش بېشى «قۇرئان» غا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن پاكىستانلىق ئىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان

شەنبە كۈنى پاكىستاندا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي شىركىتىنىڭ بىر ئىش بېشى «قۇرئان» غا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن پاكىستانلىق ئىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە بۇ خىتاي ئىش بېشى پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىغا ئېلىنغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئىش بېشى لى پىڭ قول ئاستىدىكى پاكىستانلىق ئىشچىنىڭ نەرسە - كېرەك ۋە بىر پارچە «قۇرئان» نىنى يەرگە چۆرۈپ ھاقارەتلىگەن.

بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن مىڭغا يېقىن پاكىستانلىق ئىشچى لىنى شىركىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىشخانىلىرىنى ئۇرۇپ چاققان.

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق بولغان: سۇ ئېلىكتۇر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئىش بېشى لى پىڭ پاكىستانلىق ئىشچى ساجىدنىڭ ياتىقىنى يۆتكىمەكچى بولغان. ساجىد بۇنىڭغا قوشۇلمىغاندا خىتاي ئىش بېشى ساجىدنىڭ نەرسە كېرەكلىكىنى سىرتقا ئاتقان ۋە ئۇنىڭ بىر پارچە قۇرئاننىمۇ قوشۇپ چۆرۈگەن.

ئىش بېشى لىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان» غا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن پاكىستانلىق ئىشچىلار ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن خىتاي شىركىتىنىڭ بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

كېيىن ساقچىلار لىنى قۇتۇلدۇرۇپ قوغداش ئاستىغا ئالغان. جېدەل بېسىققان بولسىمۇ، ھۇجۇمدا قانچە خىتاينىڭ يارىلانغانلىقى، قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققانلىقى ئاشكارىلانمىغان.

ئىلگىرىمۇ پاكىستاندا ئىش ھۆددىگە ئالغان خىتاي شىركەت خادىملىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن ئىدى.