قەشقەر-گۋادار يول قۇرۇلۇشى پاكىستان ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا

«لوس-ئانژېلىس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 31-ماي سانىدا، قەشقەردىن پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى گۋادار شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، ئەمما بۇنىڭ پاكىستاندىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ لاھور شەھىرىدىكى مەلۇم بۆلىكىدە ياسىلىۋاتقان تۆمۈريول بېكىتىنىڭ بىناسى ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئولتۇراق ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۆي چېقىش خىزمىتىگە ماسلىشىۋاتقان ساقچىلارغا چالما ۋە تاش ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا جايلاردىمۇ ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈۋېتىلگەن ئاھالىلەر ھۆكۈمەتتىن مۇۋاپىق تۆلەم ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتىنى 46 مىليارد دوللارلىق تاشقى قەرز بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ، ھازىر ياسىلىۋاتقان 1.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق «ئاپېلسىن لىنىيىسى» قۇرۇلۇشى مۇشۇ قەرزنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىجراسى ھېسابلىنىدىكەن.