پاكىستان «كۆزەتكۈچى» گېزىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا رامىزانلىق چەكلىمە قويغانلىقىنى رەت قىلدى

پاكىستان «كۆزەتكۈچى »گېزىتى جۈمە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ھىجاپ ۋە روزا تۇتۇش چەكلىمىسى قويغانلىقىنى رەت قىلغان. ماقالىدە، خىتاي روزا تۇتۇشنى چەكلەۋاتىدۇ، دېگەن بۇ تەشۋىقاتنى غەرب ئاخباراتى ۋە بەزى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ خىتاينى قارىلاش تەشۋىقاتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ تەشۋىقاتنىڭ مەقسىتى خىتاي بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىش، شۇنداقلا دىنىي كەمسىتىشنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنى قۇترۇتۇش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشى پەيدا قىلىشكەن.

پاكىستان «كۆزەتكۈچى» گېزىتى باش ماقالىسىدە خىتاينىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمىگەن. پاكىستان گېزىتىنىڭ ماقالىسىدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال رادىيومىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل يەنە رامىزانلىق چەكلىمە قويۇپ، بەزى ۋىلايەتلەردە دېھقان ئائىلىلەرگە كادىر ۋە ساقچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ روزا تۇتۇشنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

يەرلىك ئاھالىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرۇن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، زىيالىيلار، خىزمەتچى كادىرلار، پارتىيەلىكلەر، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشىنى چەكلەپ كەلگەن بولسا، بۇ يىل كادىر، ساقچىلارنى دېھقان ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا روزا تۇتماسلىق ھەققىدە ئىدىيە خىزمىتى ئىشلەشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پاكىستان گېزىتىنىڭ باش ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەر يىلى نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى ھەجگە ئەۋەتىشى، خىتاي دىنىي ئەركىنلىكنى بوغىۋاتىدۇ، دېگەن بۇ ئىدىيەگە رەددىيە بېرىدىكەن. ماقالىدە يەنە، پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى ئىشقا كىرىشسە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي پاكىستان بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كارىدورىغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە قىلغان. شۇنىڭدىن بۇيان پاكىستان خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق قول سىياسىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ئاقلاشقا ئۆتكەن ئىدى.