28-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى پاكىستاندا چىش دوختۇرلۇقى قىلىدىغان خىتاي پۇقرالىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، بىر نەپىرى ئۆلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستانلىق بىر قوراللىق كىشى كاراچىدا خىتايلار ئاچقان «خۇ چىش كېسەللىكلىرى ئامبۇلاتورىيەسى» گە بىمار قىياپىتىدە كىرىپ، ئۆزلىرىگە رىچارد خۇ ۋە مارگارېت خۇ دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئامبولاتورىيەنىڭ ئەر-ئايال خوجايىنى، شۇنداقلا مەزكۇر ئامبولاتورىيەنىڭ خىزمەتچىسى رېيموند چوۋغا ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلغان. ۋەقەدە ئەر-ئايال خۇ فامىلىلىك ئىككەيلەن يارىلانغان، رونالد رايموند چوۋ ئۆلگەن.
پاكىستان دائىرىلىرى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ پاكىستاننىڭ بالۇچىستان رايونىدىن كەلگەنلىكىنى، 30 ياشلاردىكى بۇ ھۇجۇمچىنىڭ پىلانلىق، نىشانلىق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈنى پاكىستان ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى رانا سانائۇللا مەزكۇر ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن ۋە پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە 54 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» تۈرى بويىچە پاكىستاندىكى ئېنېرگىيە ئۇلىنىشى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاۋاتقان بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ بىخەتەرلىكى ھازىر ھەر ئىككى دۆلەتنى ئەندىشىلەندۈرمەكتىكەن. بالۇجىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان پاكىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار خىتاينىڭ مەبلىغى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلۇشلاردىن قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم خىتاي پۇقرالىرىغا نىشانلىق ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى.
بۇ يىل 4-ئايدا پاكىستانلىق بىر ئايال كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلىتىپ، «كۇڭزى ئىنىستىتۇتى» نىڭ ئۈچ نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىسى ۋە بىر پاكىستانلىقنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى «ئادەم بومبا» ھۇجۇمىدىن كېيىن، «بالۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ شۇ قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇندىن باشقا يەنە 2021-يىلىدىكى بومبا ھۇجۇمىدا پاكىستاندا سۇ ئامبىرى ياساۋاتقان 13 نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى ئۆلگەن ئىدى. خىتايلارنى نىشان قىلغان بۇ خىلدىكى ھۇجۇملار پاكىستاندا كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشىغا نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان بالۇجىستان قوراللىقلىرى ھەرقاچان مۇشۇنداق ھۇجۇملارغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلمەكتە.