خىتاي دائىرىلىرى 6-ئۆكتەبىر كەچتە پاكىستاننىڭ كاراچى ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلۈشىدىن كېيىن، پاكىستانغا بىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى پاكىستان دائىرىلىرىدىن خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداشتا تېخىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشنى، خىتاي پۇقرالىرى ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 6-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ئىككى خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن، ئاز دېگەندە 10 ئادەم يارىلانغان. بۇ ھۇجۇمغا پاكىستاندىكى بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان، ئۆزلىرىنى «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» دەپ ئاتىغان تەشكىلات جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 8-ئۆكتەبىر ئىسلامئابادقا يېتىپ كېلىپ، پاكىستاننىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، ساقچى، قوراللىق قىسىم ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاي مەبلىغى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداش نامىدا پاكىستان پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى، جۈملىدىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى تېخىمۇ قاتتىق بوغۇشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پاكىستاندىن خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق رايونلاردا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇش، ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ «ھەرقانداق بەدەل تۆلىسىمۇ، جاۋابكارلارنى جازالاشقا، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىشكە ۋەدە قىلغانلىقى» قەيت قىلىنماقتا.
خىتاي قەشقەر بىلەن پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان رايونىدىكى گۋادار پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىغا 60 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان. ئەمما بۇ قۇرۇلۇش تۈرى بەلۇجىستان خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە قاتنىشىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئەسلىھەلىرى «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ ھۇجۇم نىشان بولۇپ كەلگەن.