پاكىستاننىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى موئىن ئۇل ھەقنىڭ 6-نويابىر «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەننى» چاقىرغان شاڭخەيدىكى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزكۇر يېرىم ئىشلەپچىقىرىش-يېرىم قوراللىق تەشكىلاتىنى ماختىغان. بۇ تۇنجى قېتىم بىر چەتئەل ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو قويۇلغان بۇ ئورگاننى ماختىشىدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا بىڭتۇەن ۋە ئۇنىڭ ئىككى رەھبىرىگە ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى.
خىتايدىكى «جۇڭگو گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موئىن ئۇل ھەق «مەبلەغ ۋە سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى» ناملىق بۇ يىغىندا پاكىستاننىڭ «شىنجاڭ خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە رادىكالىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن خەۋەردار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. موئىن ئۇل ھەق بۇ سۆزلەرنى پاكىستاننىڭ كارتون ۋەقەسىدە فىرانسىيەگە شىددەتلىك قارشى تۇرۇپ، خىتاينىڭ مىليونلىغان مۇسۇلماننىڭ لاگېرلارغا قامىشى، دىنىي ئېتىقادىنى رەت قىلىشىنى «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» دەپ قوللىشى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان.
مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىغان ياكى ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ھەرىكىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۋېتسارىيە دۆلەت ئىشلار سېكرېتارى كرىستىنا مارتى 9-نويابىر خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندا كرىستىنا مارتى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.