خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئۇيغۇرلار دىيارىدا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلاشماقچى

سەيشەنبە كۈنى ئافغانىستان، پاكىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بېيجىڭدىكى بىرلەشمە يىغىندا بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بولغۇسى «تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى زىچ ھەمكارلىقتا بولۇشى» غا كېلىشكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ چاقىرىلىشى خىتاي غايەت زور مەبلەغ سېلىپ ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ «زورلۇق ھەرىكەتلىرى» سەۋەبىدىن مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ بىرەر كۈتۈلمىگەن زەخمىگە ئۇچرىشىدىن ۋايىم يەپ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى ئۆزلىرىگە بازا قىلىۋېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدىكەن.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالاھىدىن راببانى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە، جۈملىدىن ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نىڭ ھەرقانداق پائالىيىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا كېلىشتۇق» دېگەن.

ئەمما رويتېرسنىڭ 26-دېكابىردىكى ئالاقىدار خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 57 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان «خىتاي پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى» نى ئافغانىستانغىمۇ كېڭەيتىش ھەققىدە جىددىي سۆھبەتلەر بولماقتا ئىكەن. ئانالىزچىلار خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ بۇ قېتىمقى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئاشۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن.