خىتاي - پاكىستان قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىدا بىرلەشمە چارلاش باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.07.24


خىتاي ۋە پاكىستان چېگرا قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىدا بۇ ھەپتىدىن باشلاپ بىرلەشمە چارلاش قىلىشنى باشلىغان. خىتايدىن چاقىدىغان «خەلق گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، ئىككى دۆلەت قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر چېگرادا تۇنجى قېتىم بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ بېرىشى ئىكەن.

خەۋەرگە بېرىلگەن رەسىملەردىن قارىغاندا، چارلاشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرا ساقچى قىسىملىرى قاتناشقان.

رەسىمدە ئۇلارنىڭ چارلاش باشلاش مۇراسىمىنى چېگرانىڭ خىتاي تەرەپ قىسمىدا ئۆتكۈزگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىنى بىرلىشىپ چارلايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پاكىستان ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تاشقورغان ناھىيەسى ۋە خوتەننىڭ بىر قىسىم رايونلىرى بولۇپ 523 كىلومېتىر چېگرىلىنىدۇ.

خەۋەردە بۇ بىرلەشمە چارلاشنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى، مەقسىتى ۋە كونكرېتنى قايسى ئورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن.

خىتاي پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك شېرىكى. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ھۇجۇملارنىڭ پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونىدا پاناھلانغان ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى - شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە پاكىستان بىلەن كۆپ قېتىم تېررورلۇققا بىرلەشمە زەربە بېرىش ھەققىدە كېلىشىملەرنىمۇ تۈزگەن.

ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە چارلاشنىڭ نېمىنى نىشان قىلىپ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېنىق شەرھلەنمىگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ سۈرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى» گە قېتىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا جايلاشقان «يېڭى ئامېرىكا فوندى جەمئىيىتى» ئېلان قىلغان بىر ئانالىزدا نۆۋەتتە سۈرىيەدىكى جىھادچىلار ئارىسىدا 114 نەپەر ئۇيغۇر بارلىقى، بۇلارنىڭ قانداقتۇر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ رادىكاللاشتۇرىشى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلەش سىياسىتى سەۋەبلىك ئۇ يەرگە بارغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ياش ئەرلىرىنىڭ ساقال - بۇرۇت قويۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلىگەن ھەمدە بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئاممىۋى سورۇنلار ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن توسقان.

بۇ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.