قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغىچە سوزۇلغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشى يېڭى تۈرلەر بويىچە قايتا تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىكەن.
سىنگاپوردا چىقىدىغان «دېڭىز بوغۇزى گېزىتى» تورىنىڭ 2-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان باش مىنىستىرى شەھباز شەرىف 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي بىلەن «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالايدىكەن.
بۇ زىيارەتتىن ئىلگىرى پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىسھاق دار خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئۆز ئىزىغا سالماقچى بولغان. چۈنكى بۇ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش مالىيە مەسىلىسى ۋە پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرىدىن كېيىن توختاپ قالغانىكەن.
بۇ قېتىم پاكىستان باش مىنىستىرى شەھباز شەرىف خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش، خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، ئېنېرگىيە، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش توغرۇلۇق سۆھبەتلىشىدىكەن.
«خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» ئېنېرگىيە ۋە قاتناش-تىرانسپورتنى ئاساس قىلغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بولۇپ، قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغىچە سوزۇلغان تۆمۈر يول ۋە تاش يول قۇرۇلۇشىغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق قىسمى ھېسابلانغان بۇ قۇرۇلۇش تاماملانسا، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان سودا يولى ئېچىلىپ، خىتاينىڭ تاشقى سودا يولىنى قىسقارتىشتا پەۋقۇلئاددە مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ھالبۇكى، بۇ قۇرۇلۇش خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى، پاكىستاندىكى مۇقىمسىزلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن توختاپ قالغان.
خىتاينىڭ قەشقەرنى مۇھىم سودا ۋە ساياھەت رايونى قىلىپ ئېچىشى، جۈملىدىن قەشقەردە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشى قاتارلىقلار «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» نى قايتا ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.