جۈمە كۈنى پاكىستاندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 40 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

جۈمە كۈنى پاكىستاندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ھۇجۇملاردا 40 ئادەم ئۆلگەن. پارتلاشنىڭ بىرى، بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى كۇئاتا شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، پاكىستان ساقچى ئاپتوموبىلىغا قارىتىلغان بۇ ھۇجۇمدا 13 ئادەم ئۆلگەن، 20 ئادەم يارىلانغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى يەنە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پاراچىناردا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 27 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، كاراچى شەھىرىدە قوراللىق كىشىلەرنىڭ 4 ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۇئاتادىكى پارتلاشتا ئۆلگەن 13 كىشىنىڭ 9 نەپىرى ساقچى ئىكەن. كۇئاتادىكى پارتلاش يېقىندا مەزكۇر شەھەردە دائىش تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان بىر جۈپ ئەر-ئايال خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بېرىپ دىققەت قوزغىدى. كۇئاتا شەھىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بۇ خىتاي ئەر-ئايال بۇ يىل 24‏-ماي كۇئاتانىڭ جىنناھ بازىرىدا دائىش قوراللىقلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان. دائىشنىڭ ئاماق ئاخبارات ئاگېنتلىقى 8‏-ئىيۇن كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، بۇ ئىككى خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇ ۋەقە، قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ش ھ ت نىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىگە توغرا كېلىپ، يىغىندا پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىپ شى جىنپىڭنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر پاتلاشنىڭ ساقچىلارنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھۇجۇمنىڭ مۇددىئاسى مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بالۇچىستان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ گۋادار پورتى جايلاشقان ئۆلكە. خىتاي ھۆكۈمىتى 57 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلغان بۇ كارىدور پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق بالۇچىستان يەرلىك خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.