قەشقەردىكى «پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى» دا 12مىىڭ ئادەم قېتىم «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» ئىشقا سېلىنغان

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 10 مىليون كىلوۋاتلىق پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 1 – ئايدا قەشقەردە باشلىغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرىدە يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قەشقەردە يولغا قويۇلۇشى بىلەن يورۇقلۇق ۋولتنى قوللاش تۈرلىرى، لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى ۋە سىم ۋە سىملىق كابېل ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، 12 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق يەرلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپ يىللاردىن بېرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكىتلەنگەنىدى. مەزكۇر خەۋەردىن قارىغاندا قەشقەردىكى مەزكۇر پاكىز ئېنېرگىيە، يەنى قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە كۆپ ساندىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى»، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پاكىز ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى بويىچە قۇرۇلىدىغان 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەلىرىدە قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈشى پىلانلانماقتىكەن.

قەشقەردىكى بۇ 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىدىغان يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى تەخمىنەن 15 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدىغان بولۇپ، ئۇ 4 مىليون 275 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرگە باراۋەر ئىكەن.

خىتايدىكى پاكىز ئېنېرگىيە ساھەسى، يەنى كۈن تاختا قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەڭ ئېغىر ساھەلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈن تاختىلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەنىدى.ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ يىل 6-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنىڭ ئالدىنى ئ‍ېلىش قانۇنى» رەسمىي ھالدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بېرى، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق 1000 دىن ئارتۇق قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسى يوللانمىسىنى تۇتۇپ قالغان ئىدى.