ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، سابىق گۇەنتانامو تۇتقۇنلىرىدىن پالاۋدا يوقاپ كەتكەن ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تۈركىيىگە ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى يېقىندا خەۋەر بېرىپ، ئادىل نۇرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پالاۋ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن يېقىندا خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىراق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى، ئامېرىكا «مىئامى خەۋەرچىسى» گېزىتىگە ئۇچۇر بېرىپ: ئۇ يوقاپ كەتمىدى، ئۇنىڭ ئەلۋەتتە ئىز دېرەكسىز غايىب بولغىنى يوق، دېگەن.
بۇ ئەمەلدار، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە پەقەت دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىلا پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يوشۇرغان.
ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالغان. چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىزچىل گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىزچىل ۋاز كەچمىگەن ئىدى.
«مىئامى خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىئان موس ئەسكەرتىپ، ئادىل نۇرىنىڭ پالاۋدىن كەتكەنلىكىدىن خەۋىرىمىز بار. بىراق، بىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇزاكىرە ياكى بىر شەخسنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلمايمىز، دېگەن.