ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 4-مارت كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، تاموژنا بېجى ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ھەققىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ زېمىنى ۋە خىزمەت ئورنىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كانادا بىلەن مېكسىكاغا 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنى يىگىرمە پىرسەنتكە چىقارغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن 2018-يىلدىن بۇيان خىتايغا قويغان تاموژنا بېجى جەمئىي 45 پىرسەنتكە يەتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «خىتاي خەلقى بۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايدۇ» دېگەن.
BBC نىڭ 5-فېۋرال بەرگەن بىر خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەر قانداق شەكىلدىكى «ئۇرۇش» قا تەييار ئىكەنلىكى، ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن 10 پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
پىرېزىدېنت ترامپ يەنە دۆلەت مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، پاناما قانىلىنى خىتاينىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ قانال كارتېر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەك ئەرزان بېرىۋېتىلدى، ئەمما كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىندى. بىز بۇ قانالنى خىتايغا ئەمەس، پاناماغا بەردۇق، ئەمدى ئۇنى قايتۇرۇپ ئالىمىز» دېدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى پاناما قانىلىنىڭ تىجارەت ھوقۇقىنى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى بىر شىركىتى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنى ئامېرىكانىڭ قاراتاش (BlackRock)مالىيە گۇرۇھى ئۆتكۈزۈۋالماقچى بولغان.
پىرېزىدېنت ترامپ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا كىرگۈزۈۋاتقان فېنتانىل زەھەرلىك بۇيۇملىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، كانادا ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا يول بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ ھاياتىغا ۋە مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەر قانداق تىجارەت ۋە ئۇنىڭغا يول قويغان دۆلەتكە قاتتىق چارە قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.