يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، 22-دېكابىر ئامېرىكانىڭ پاناما قانىلىغا بولغان كونتروللۇقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، بۇ قانالنىڭ «خاتا قوللار» غا ئۆتۈپ كېتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تاراتقۇلاردا ترامنىڭ بۇ سۆزىنىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدا، بولۇپمۇ پانامادا تەسىرىنى جىددىي كېڭەيتىۋاتقان خىتاينى كۆزدە تۇتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. دونالد ترامپ 22-دېكابىر ئارىزۇنا ئىشتاتىدا قوللىغۇچىلىرىغا قىلغان سۆزىدە، پانامانى ئوتتۇرا ئامېرىكادىكى دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم سۇ قاناللىرىدىن بىرى بولغان پاناما قانىلىدىن ئىنتايىن يۇقىرى مىقداردا ئۆتۈش ھەققى ئېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ترامپنىڭ سۆزى دەرھال پاناما دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، پاناما پىرېزىدېنتى خوسېي رائۇل مولىنو «دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە بولمايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ترامپنىڭ پاناما قانىلىنى قايتا ئۆتكۈزۈۋېلىش پىكرى خىتاينىڭ بۇ قانالغا بولغان تەسىرىنى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
دونالد ترامپ ئارىزۇنادا قىلغان سۆزىدە بۇ قانالنىڭ «خاتا قوللار» غا چۈشۈپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپنىڭ لاتىن ئامېرىكاسى ئىشلىرىغا تەيىنلىگەن ئالاھىدە ۋەكىلى، ئىنتېر-ئامېرىكا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماۋرىسىئو كلاۋېر كورونې، ترامپنىڭ سۆزى بېيجىڭنىڭ غەربىي يېرىم شاردا «باش كۆتۈرۈشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئاياق ئىزلىرى» نى چەكلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن پاناما پىرېزىدېنتى خوسېي رائۇل مولىنو، پاناما قانىلىنىڭ باشقۇرۇلۇشىدا خىتاينىڭ ھېچقانداق تەسىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ قانالنى كونترول قىلمىسىمۇ ۋە باشقۇرمىسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ خوڭكوڭنى بازا قىلغان KC خاچىسون شىركىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پاناما قانىلىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندىن كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى پورتنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئامېرىكا تەرىپىدىن ياسىلىپ 1914-يىلى رەسمىي قاتناشقا ئېچىلغان پاناما قانىلى ئۇزۇن يىللار ئامېرىكا تەرىپىدىن باشقۇرۇپ، 1977-يىلى ئامېرىكا-پاناما ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە 1999-يىلى پاناماغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن پىرېزىدېنت ترامپ بۇ قانالنىڭ «پاناماغا ۋە پاناما خەلقىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شەرتلىرى بارلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر بۇ مەردلەرچە تەقدىم قىلىشنىڭ ئەخلاقىي، قانۇنىي شەرتلىرىگە ئەمەل قىلىنمىسا، بىز پاناما قانىلىنىڭ بىزگە تولۇق، تېز ۋە سوئال-سوراقسىز قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.