9-ئاۋغۇست كۈنى، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى نىڭبو پورتىدا كونتېينېرلار بېسىلغان بىر پاراخوت پارتلاپ كېتىپ، پۈتكۈل پورتنى لەرزىگە سالغان. نىڭبو پورتى، ئېغىر ئىقتىسادى كاساتچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان خىتايدىكى ئەڭ قايناق پورتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. ب ب ب س نىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پارتلاشتىن كېلىپ چىققان دەھشەتلىك تەۋرەش نىڭبو-جوشەن پورتىنىڭ بىر كىلومېتىر نېرىسىدىن ھېس قىلىنغان.
نۆۋەتتە، پارتلاشتا تالاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. ب ب س نىڭ قەيت قىلىشىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ھازىرچە پاراخوتتا تالاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەر ھەققىدە مەلۇمات يوقلىغىنى، بۇ پاراخوتنىڭ تەيۋەن ياڭمىڭ دېڭىز تىرانسپورت شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. جېجياڭ ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پاراخوتقا خەتەرلىك ماتېرىياللارنىڭ بېسىلغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇنىڭغا قانداق خەتەرلىك ماتېرىيال بېسىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭمىڭ دېڭىز تىرانسپورت شىركىتى پاراخوتتا پارتلاشتىن بۇرۇن ئوت ئاپىتى يۈزبەرگەنلىكى، پاراخوتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ تارقاتقان نەق مەيدان ۋىدىيو سۈرەتلىرىدىن پارتلاش پاراخوتنىڭ باش قىسمىدىكى بىر كونتېينېردىن باشلانغانلىقى، كونتېينېرلاردىكى يۈكلەرنىڭ ئەتراپقا ئۇچۇپ چىقىپ، پورتنى ئىس-تۈتەك قاپلىغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
ھالبۇكى، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، پاراخوتتىكى ماتېرىياللارنىڭ لىتىيلىق باتارېيە، شۇنداقلا ئاسان يانىدىغان ۋە پارتلايدىغان بىر خىل ئورگانىك بىرىكمە-بۇتىل پروكسىبېنزوت ئىكەنلىكى، بۇ ماتېرىيالنى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىر يەرگە قويۇشقا بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، نىڭبو جوشەن پورتى خەلقئارا سودىدا دۇنيادىكى ئەڭ قايناق پورتلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ ئىمپورت قىلىنغان خام نېفىتىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ئىكەن. خەۋەرلەردە، بۇ پورتتىن ھەر يىلى قىممىتى ئالاھازەل بىر تىرىللىيون دوللارلىق بىر مىليارد توننا مال كىرىپ-چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
