بېيجىڭ ئايرودرومىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى ئادالەتسىزلىكنىڭ ئىنكاسى دەپ قارالماقتا

شەنبە كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىغا چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن كىرگەن بىر كىشى ئايرودرومنىڭ 3-زالىدا بومبا پارتلاتقان، پارتلىتىشتا ئۆزىدىن باشقا كىشىلەر يارىلانمىغان بولسىمۇ، ئايرودرومدا چوڭ ۋەھىمە پەيدا قىلغان ۋە تېزلا دۇنيا خەۋىرىگە ئايلانغان ئىدى.

ئىككى كۈندىن بۇيانقى بىرلەشمە ئاگېنتلىق قاتارلىق خەلقئارا خەۋەرلەردە ۋە بىر قىسىم خىتاي خەۋەر ئانالىزلىرىدا ۋەقە خىتاي قانۇن سىستېمىسىدىكى ئادالەتسىزلىكىنىڭ ئىنكاسى دەپ قارالماقتا.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئەسلىدە موتسىكلىت بىلەن كىراكەشلىك قىلىدىغان جى جۇڭشىڭ 2005-يىلى خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر زەخىملەنگەن ۋە مېيىپ قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن چاقلىق ھارۋىغا چۈشۈپ قالغان جى جۇڭشىڭ سوتلىشىپمۇ، ئەرز قىلىپمۇ 330 مىڭ يۈەن تۆلەم داۋاسىنى ئاقتۇرالمىغان. ئۇنىڭ شەخسىي توربېتىدە بايان قىلىنىشىچە، ھېچبىر ئەمەلدار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان.

نەتىجىدە ئۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ سەزگۈر قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان ئايرودرومغا ھۇجۇم قىلغان. نۆۋەتتە جى جۇڭشىڭ دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا، ئۇنىڭ يىللاردىن بېرى قۇلاق سېلىنمىغان ئەرزى خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا خەۋەر ۋە مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قارمىقىدىكى شىنخۇا كۈندىلىك پوچتىسى بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا «ئۆزىنى ھەقسىزلىققا ئۇچرىدىم دەپ ئويلىغان ھەر بىر كىشى، پارتلاش ئالدىدىكى بىر بومبا» دەپ يازغان.