خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پاختا باھاسىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى


خىتاي دۆلەتلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يېڭىدىن بىر قىسىم ئىسلاھات ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى پاختا باھاسىغا ئائىت ئىكەن.

شىنخۇا تورىدىكى بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پاختىلىرىغا قارىتىلغان ئىلگىرىكى ھەر يىلى بىر قېتىم باھا بېكىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم نىشانلىق باھا بېكىتىشنى قارار قىلغان ھەمدە 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پاختىنىڭ ھەر بىر توننىسىنى 18 مىڭ600 يۈەن قىلىپ بېكىتكەن.

ئەگەر ئۈچ يىل ئىچىدە پاختا بازىرىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بەرسە، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق باھادا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، پاختا بازىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىلگىرى پاختا تېرىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما باھادىكى تەڭپۇڭسىزلىق تۈپەيلىدىن زىيان تارتىش ئېغىر بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا سۇ قىسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پاختىزارلىقلىرىغا سۇ يەتمەسلىك مەسىلىلىرى ئېغىر بولغان.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پاختىچىلىقىغا ئائىت ئىسلاھاتىنىڭ يەرلىك دېھقانلارنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى ھازىرچە نامەلۇم.