خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا پاختا مەھسۇلاتى تۆۋەنلىدى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپەيدى


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەڭ زور پاختا بازىسى بولۇپ، پۈتۈن خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىدىن كوپ قىسىمى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىنىدۇ. بۇ، يىل پۈتۈن خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئەمما، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاختا مەھسۇلاتى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن ئاشقان.

شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2014 - يىلى. پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 3مىليون 670 مىڭ توننا پاختا ئېلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 59.7%نى ئىگىلىگەن. ئەمما، پاختا تېرىيدىغان ئۆلكىلەرنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2مىليون 480مىڭ توننا بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىن 29.8 % تۆۋەنلىگەن.

بۇ يىل پۈتۈن خىتاي بويىچە 616 مىليون توننىدىن ئارتۇق پاختا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلىدىكى 138 مىڭ توننا ئاز ئېلىنىپ، مەھسۇلات ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 2.2% تۆۋەنلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پۈتۈن خىتاي بويىچە پاختا مەھسۇلاتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدە باشقا ئۆلكىلەردىكى پاختا مەيدانلىرى ئازلىغان، نەتىجىدە مەھسۇلاتمۇ تۆۋەنلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2010 - يىلىدىن باشلاپ، 19 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا كىرىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېچىشنى كۈچەيتكەندىن بۇيان گۇئاڭدوڭ قاتارلىق ئۆلكىلەر ئاساسلىقى قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جەنۇبىي رايونلارنى پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتكەن ئىدى. تارىم ۋادىسى ئەتراپىدىن ئېلىنغان پاختىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى توقۇمچىلىق فابرىكىلىرى ,شىركەتلەر ۋە پاختا سودىسىنىڭ ئاساسلىق بازىسىغا ئايلانغان.