«شىنجاڭ پاختىسى» نى بايقۇت قىلغان ئادىداس، خىتايدىكى سودىسىنى قايتا كۈچەيتىشكە كىرىشكەن
2023.05.23
گېرمانىيەنىڭ داڭلىق تەنھەرىكەت كىيىملىرى ماركىسى بولغان ئادىداس 2021-يىلى H&M، Hennes & Mauritz ۋە نايكى قاتارلىق داڭلىق غەرب شىركەتلىرىگە قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلى بولغان «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغانىدى.
لېكىن «ۋول سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2021-يىلدىن بېرى خىتايدا قاتتىق كاشىلىغا ئۇچراپ، خىتايدىكى سودىسى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان ئادىداس شىركىتى، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ پېشىغا چۈشكەن.
«ۋول سترېت ژۇرنىلى» نىڭ 21-ماي كۈنى بەرگەن بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، ئادىداسنىڭ رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خىتايدىكى بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەنھەرىكەت ۋە مەدەنىيەت پروگراممىلىرىنى قوللاشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ شىركەتلەر ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ بىر قانچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىغانلىقى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، خەلقئارا مال تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇلغىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. «ۋول سترېت ژۇرنىلى» نىڭ يېزىشىچە، نۆۋەتتە ئادىداس شىركىتى ئېھتىيات بىلەن خىتايدىكى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەن بولۇپ، شىركەت مەسئۇللىرى ئۇنىڭ خىتايدىكى سودىسى بۇرۇنقى ھالەتكە كەلمىسىمۇ، ئەمما خىتاي بازىرىنىڭ %10 نى ئىگىلىسىلا ئۇنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە، نۆۋەتتە ئادىداسنىڭ «خىتاي يېنىك ئاتلېتىكا جەمئىيىتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغانلىقى، ئۇنىڭ شاڭخەي يېرىم مارافون مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ كۆلەملىك تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ھۆددىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق مەجبۇرىي پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.