خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق ساھەسىدە يۇقىرى تېخنىكا قوللىنىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ ئېمبارگوسى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىنى داۋراڭ سالغان

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى 5G ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى توقۇمىچىلىق سانائىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ، ئېكسپورتتا رېكورت يارىتىشقا ياردەم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ 29-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تەتقىقاتچىلىرى 5G ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكى، تاشقىي ئېكسپورتتا قانداق رېكورت ياراتقانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلغان بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، يۇقىرى تېخنىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ۋە توقۇمىچىلىق سانائىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قويغان جازا تەدبىرلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ياردەم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەزكۇر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى يۈرگۈزگەن بىر يۈرۈش جازا تەدبىرلىرىگە قارىماي، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكادىكى ‹ئىنقىلابىي بۇرۇلۇش› تاشقىي ئېكسپورتتا رېكورت يارىتىشقا ياردەم قىلدى. ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قويۇلغان جازا ئۈستىدىن غالىب كەلدى».

خىتاي تاموژنا مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارنىڭ توقۇمىچىلىق ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلى 108 مىليارد يۈەن (14 مىليارد 800 مىليون دوللار) غا يەتكەن، يىپ ۋە باشقا خام ئەشيالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 74 پىرسەنت، كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 30 پىرسەنت ئۆرلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

ھالبۇكى، خىتاي يۇقىرى تېخنىكانى قوللىنىپ پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكىسپورتىنى يەنىمۇ ئاشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتايغا قويغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى خېلى دەرىجىدە ھالسىراتقانلىقى مەلۇم. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىمۇ ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى رەت قىلىپ، غەربنىڭ خىتايغا قويغان جازا ۋە ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ 2025-يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى دەلىل-پاكىتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى «شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىدە يۈز مىڭلىغان ئىشچى مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى خىتاينىڭ داڭلىق مودا كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىگە قارىتا يېڭى بىر جازا يۈرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.