ئامېرىكا ۋە چەتئەللەردە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ 19 پىرسەنتىدە «شىنجاڭ پاختىسى» بايقالغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق دەپ قارالغان «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلەش ياكى بايقۇت قىلىشتا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە چەتئەللەردە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ 19 پىرسەنتىدە يەنىلا «شىنجاڭ پاختىسى» بايقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى Stratum Resorvoir ناملىق تەبىئىي بايلىقلار ئانالىزى شىركىتى بىلەن قوللىنىشچان DNA ئىلمىي ئانالىزى ئورنى DNA لىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە چەتئەللەردە سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ 19 پىرسەنتىدە «شىنجاڭ پاختىسى» بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇ تەتقىقات ئورۇنلىرى 2023-يىلى 2-ئايدىن 2024-يىلى 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئامېرىكا ۋە چەتئەللەردە سېتىلغان كىيىم-كېچەكلەرگە قارىتا DNA لىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ، بولۇپمۇ «شىنجاڭ پاختىسى» دا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توسۇۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولاي دېگەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەتقىقاتتا پاختا رەخت، چوڭ تىپلىق پارچە سېتىش ماگىزىنلىرى، توردا سېتىلىدىغان كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما تەتقىقات ئورنى DNA لىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قەيەردە سېتىلغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان، پەقەت «بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكادا سېتىۋېلىنغانلىقى، شۇنداقلا توردىن سېتىۋېلىپ ئامېرىكاغا يوللاپ بېرىلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەرلەردە، بۇنىڭ بىر مۇھىم بايقاش ئىكەنلىكى، چۈنكى بۇنىڭ دۇنيادا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن پاختىنى چەكلەش تىرىشچانلىقى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈلمەكتە. خەلقئارادا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان «شىنجاڭ پاختىسى» نى چەكلەش ياكى بايقۇت قىلىش چۇقانلىرى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىيارى يەنىلا خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسى بولۇپ، خىتاي ئومۇمىي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ ئاز دېگەن 85 پىرسەنتى، دۇنيا پاختا بازىرىنىڭ 20 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن. Stratum Resorvoir بىلەن قوللىنىشچان DNA ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاز بولمىغان «شىنجاڭ پاختىسى» يەنىلا ئامېرىكىغا كىرمەكتە ئىكەن.