خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان چەكلىمە خىتاينى بۇ ساھەدىكى دۇنيا بازىرىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرالمايدىكەن

ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى باشلاپ، خىتايدىن كېلىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەندىن كېيىن، بۇنىڭ تەسىرى خىتايدىن ھالقىپ، ھىندىستان، بېنگال، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئامېرىكا ئالدىنقى بەش ئايدا خىتايدىن ئىمپورت قىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى 21.5 پىرسەنت بولۇپ، 2020-يىلدىكىگە قارىغاندا 3.7 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بېنگالدىن ئىمپورت قىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى 8.4 پىرسەنتتىن 10.2 پىرسەنتكە كۆپەيگەن؛ ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلغان پاختا مەھسۇلاتلىرى 16.5 پىرسەنتتىن 19.2 پىرسەنتكە كۆپەيگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېنگال بىلەن ۋېيتنامنىڭ ئامېرىكاغا پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش مىقدارى كۆپەيگەن بىلەن، ئۇلار پاختىنى يەنىلا خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىكەن. ئۇلار بۇ پاختىنى باشقا جايدىن ئىمپورت قىلغان پاختىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلسا، ئامېرىكا تاموژنىسى ھازىرچە ئۇنى DNA تەكشۈرۈشىدەك ئىنچكە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلالمايدىكەن.

نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قېلىشتىن ھەمدە خىتايدىكى «كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىدىن قېچىپ، خىتايدىن ھىندىستانغا يۆتكىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. بۇنداق بولغاندا، ھىندىستاننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش كۈچى ئاشىدىكەن. ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختىلارغا قويۇلغان چەكلىمە ھىندىستاننىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، چۈنكى خىتاي ھازىر ھىندىستاندىنمۇ پاختا ئىمپورت قىلىدىكەن.

خىتاي خەلقئارا ئىقتىساد-سودا مەركىزى ئۆتكەن يىل 5-ئايدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغان پاختىلارغا چەكلىمە قويۇشىدىكى مەقسەتلىرىدىن بىرى، دۇنيادا خىتايدىن خالىي يېڭى تىپتىكى پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش لىنيەسى بەرپا قىلىش» دېيىلگەن. ئەمما مەزكۇر دوكلاتتا بۇ مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان گۇمان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە «خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ھېچنېمە تەڭ كېلەلمەيدۇ» دېيىلگەن.