خىتاي مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، 1967‏-يىلدىن بۇرۇنقى چېگرا ئاساسىدىكى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا مۇسۇلمان دۆلەتلەر چارشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، شەرقىي يېرۇسالېمنى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.

3 كۈن ئاۋۋال ئېچىلغان بۇ يىغىندا دۇنيادىكى 60 تەك ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ۋەكىللىرى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلغان. ئۇلار بىردەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېلان قىلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، خەلقئارا جامائەتنىڭ شەرقىي يېرۇسالېمنى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى، دەپ ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

پرېزىدېنت ترامپ 6‏-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە باشقا ھەرقانداق بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە ئوخشاش ئۆزىنىڭ پايتەختىنى بېكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇنى قوبۇل قىلىش تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى،» دېگەن ئىدى. بىراق ئىستانبۇلغا توپلانغان ئىسلام دۆلەتلىرى پرېزىدېنت تراپمنىڭ قارارى ب د ت نىڭ 1980-يىلى چىقارغان يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئورنى ھەققىدىكى قارارىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۈ كاڭ جۈمە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «خىتاي ئىسلام ئەللىرىنىڭ يېرۇسالېمنىڭ ئورنى مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىدۇ. ب د ت نىڭ يېرۇسالېمنىڭ ئورنى ھەققىدىكى قارارى ۋە بۇ مەسىلىدىكى خەلقئارا پىكىر بىرلىكىنى قوللايدۇ،» دېگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مەزكۇر باياناتى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپتىن پايدىلىنىپ، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ياردىمىگە ئېرىشىشنى كۆزلىمەكتىكەن.