پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانى غەرب تاراتقۇلىرىدا دىققەت تېمىسىغا ئايلانغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.09.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تۇتقۇندىكى يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن «ئاتلانتىك»، «ۋول-ستېرت ژۇرنىلى»، «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»، ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) قاتارلىق داڭلىق تاراتقۇلاردا بۇ رومان ھەققىدە خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەر چىقىشقا باشلىغان.

«ئاتلانتىك» ژۇرنىلىدا يازغۇچى ۋە ئوبزۇرچى ئېد پارك (Ed Park) «شىنجاڭدا بىر جېيمېس جويېس چىقتى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە يازغۇچىنى «يۇلىشېس» ناملىق رومانى بىلەن داڭق چىقارغان ئەنگىلىيە يازغۇچىسى جېيمېس جويېس(James Joyce) قا ئوخشاتقان. جېيمېس جايېس «يۇلىشېس» ناملىق رومانىدا دۇبلىن شەھىرىنىڭ خاراب بولغان ھالىتىنى بىر كۈنگە سىغدۇرۇپ تەسۋىرلىگەن بولسا، پەرھات تۇرسۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئايرىۋېتىلگەن يات، خۇنۇك ھالىتىنى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور بۇ ماقالىسىدە يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن ۋە بۇ روماننىڭ ئىككىنچى تەرجىمانى بولغان نامسىز ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان؛ روماندا تەسۋىرلەنگەن پېرسۇناژنىڭ ئۈرۈمچىدە سەرسانلىق، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك ۋە ئېچىرقاش ئىچىدە يۈرۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن ھوقۇق ۋە بايلىقنى ئۆزىگە توپلىغان خىتايلار بېسىپ كەتكەن بۇ شەھەردە ئۇيغۇرنىڭ ھەر زامان ئېغىر بېسىم، غەزەپ ۋە ئامالسىزلىق ئىچىدە ياشايدىغانلىقىنى، ھەتتا چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ھەمدە بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىل باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا باغلىغان.

بۇ روماننى تەرجىمە قىلغۇچى دەررېن بايلېر بۇ ماقالىنى ئۆزىنىڭ فېيسبوك سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن ھەمدە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ: «پەرھات تۇرسۇن، مەيلى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتى قانداق بولسۇن، بىر قەھرىماندۇر. ئىنگىلىز تىللىق بىزلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ كۈلكە-يىغا ئارىلاشقان 136 بەتلىك بىر ئەسىرى ئىسپات بولۇپ قالدى. ھالبۇكى بۇ، گويا چارەك ئەسىرنى ئۆزىگە سىغدۇرغان مۇكەممەل بىر سەنئەت ئەسىرىدۇر» دېگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.