خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن شۋېتسىيەنىڭ «تۇخۇلىسكي مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مودېرنىزم ئەدەبىياتىنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن «ئارقا كوچا»، «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات تۇرسۇن شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ «تۇخولىسكي ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا غايىب بولغان پەرھات تۇرسۇننىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال 16 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 30-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ مۇكاپاتنىڭ پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئەدەبىيات ئەركىنلىكىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە ئېتنىك-سىياسىي باستۇرۇشقا قارىماي، ئىنسان كەچۈرمىشلىرىنى بىر ئاز سانلىق بولۇش نۇقتىئىينەزىرىدىن تەبىئىي ۋە چوڭقۇر رەۋىشتە ئىپادىلەپ بېرىشتەك» ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، «پەرھات تۇرسۇن 1990-يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت رول مودېلى سۈپىتىدە ئەڭ مۇھىم مۇدېرنىست ئۇيغۇر يازغۇچى، دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ شېئىر، ھېكايە، رومانلىرىدا دائىم تىلنى سىناق قىلىپ، مۇتەئەسسىپ ئىدىيەلەرگە رىقابەت ئېلان قىلىشتىن يانماي كەلگەن» ئىكەن.

باياناتتا يەنە 2018-يىلنىڭ باشلىرىدا غايىب بولغان پەرھات تۇرسۇننىڭ 2020-يىلى نامەلۇم ئەيىبلەشلەردىن 16 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. باياناتتا نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، شىۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاسپېر بېڭىستون: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى كىشىنى بەك ئەندىشىگە سالىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى باستۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە تەھدىت سالماقتا. قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلماقتا ھەم پەرھات تۇرسۇننىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشماقتا» دېگەن.

شىۋېتسىيە «قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» «تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كومىتېتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فېدىرىك فولمان، «پەرھات تۇرسۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەدەبىي ئابىدە، ئۇنىڭ 16 يىللىق قاماق جازاسى ئۇنىڭ ‹ئارقا كوچا› رومانىدىكى باش پېرسوناژنىڭ مەۋجۇتلۇقىدەك بىمەنە» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ «پەرھات تۇرسۇن ۋە تۈرمىدىكى باشقا قامالغان ھەم ئېزىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئاۋاز بېرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى بۇ يىل 15-نويابىر كۈنى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.