دانىيە پىۋا شىركىتى كارلسبېرگنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سودىسى دىققەت قوزغىدى
2023.03.13
دۇنياغا داڭلىق دانىيە پىۋا شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن بولغان سودىسى يېقىندا دانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. دانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېمىل ئالىسېئو دىتزېل ۋە نىرولا ئەلىما ئىسىملىك ئىككى تەتقىقاتچىنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن كارلسبېرگ شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك تارمىقى بولغان «ۋۇسۇ پىۋىسى» يەنى شىخۇ پىۋىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇپ كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى مەلۇم بولغان. تەتقىقاتچىلار يەرلىك گېزىتلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىن «ۋۇسۇ پىۋىسى» نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دانىيەدىكى TV 2 ۋە Media Danwatch ناملىق تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارلسبېرگ شىركىتىنىڭ «ۋۇسۇ پىۋىسى» تارماق شىركىتى 2018-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان «ئەمگەك كۈچى يەرمەنكلىرى» گە قاتناشقانىكەن. تەتقىقاتچىلار ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر «ئەمگەك كۈچى يەرمەنكىسى» گە ئالتايدىكى 1070 نوپۇسى بار بىر يېزىدىن 500 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنىمۇ ئېنىقلاپ چىققان.
كارلسبېرگ شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر بۇ شىركەتنى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ۋە ئۇنىڭدىن زور مىقداردا پايدا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. خەۋەردە يەنە كارلسبېرگنىڭ «ۋۇسۇ پىۋىسى» ئۈچۈن بوتۇلكا ئىشلەپچىقىرىدىغان تۇرواندىكى شېركىتىنىڭمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، كارلسبېرگ شىركىتىنىڭ شىخۇ تارماق شىركىتى 2020-يىلى دانىيە پۇلىغا 9 مىليارد 900 مىليون كرونلۇق سودا قىلىپ، بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىكى ئومۇمى يىللىق سودىسىنىڭ 4 دەن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. خەۋەردە يەنە شىخۇ پىۋىسىنىڭ شىخۇدىكى پىۋا بازىرىنىڭ 85 پىرسەنتىنى ئىگىللەيدىغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.