ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن تارقالغانغا ئائىت «غايەت زور دەلىللەرنىڭ بارلىقى» نى بىلدۈردى. ئۇ پرېزىدېنت ترامپتىن كېيىن كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىككىنچى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدۇر. پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقىغا ئائىت قانائەت قىلارلىق دەلىللەرنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
مايك پومپېيو 2-ماي كۈنى ئامېرىكادىكى ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن سىزگە شۇنى ئېيتالايمەنكى، بۇنىڭ ۋۇخەندىكى تەجرىبىخانىدىن كەلگەنلىكىگە ئائىت يېتەرلىك دەرىجىدە دەلىللەر بار… بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي تەجرىبىخانىسىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك دۇنياغا يۇقۇم تارقىلىپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىشىمىز ئەمەس.» ترامپ بىلەن پومپېيونىڭ بۇ سۆزلەرنى خەلقئارادا خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تەلىپى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى. پرېزىدېنت ترۇمپ 2-ماي كۈنى ئەگەر خىتاي 1-باسقۇچلۇق ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىدە بەرگەن 200 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش ۋەدىسىنى ئىجرا قىلمىسا، ئۆزىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ كېلىشىمنى ۋاشىڭتوننىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشى سەۋەبلىك قوبۇل قىلغان ئىكەن. پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئاقسارايدىكى ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.