سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن تولغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.07.02

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 1-ئىيۇل كۈنى تىۋىتتىر ئۇچۇرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقىنى باھالاپ ئۇنى قەتلىيام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن تولغان بىر ئەسىر، دەپ سۈپەتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى زور كۆلەملىك قەتلىئاملار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن تولغان بىر ئەسىردۇر. ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە خىتاي كومپارتىيەسىدەك جىق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ باققان ئەمەس.»

خىتاي كومپارتىيەسى 1-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىقىنى بېيجىڭدا زور داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالغانىدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈندىكى نۇتقىدا «بىز ئەزەلدىن باشقىلارنى بوزەك قىلمىغان، زۇلۇم قىلمىغان ۋە قۇل قىلمىغان» دەپ سۆزلىگەن.

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەلمۇ شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ناتسىستلار دەۋرىدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ چوڭ جازا لاگېرلىرىنى يولغا قويغان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلاردا ۋە قۇراشتۇرۇش لىنىيەلىرىدە قۇل قىلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق يالغان سۆزلىشى تولىمۇ كۈلكىلىك» دېگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:

«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمىي دىن ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە قارشى زور تەھدىت پەيدا قىلدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئۆزىگە ساداقەتسىزلىك ۋە يوشۇرۇن تەھدىتنىڭ ئالامىتى، دەپ قارايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى دىننى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە قوللانغان. ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە چەتئەلدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.