ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئىلگىرى جەنۇبىي دېڭىز، خوڭكوڭ، يەرشارى ھاۋا كىلىماتى كېلىشىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلمىغان. پومپېيو بۇ سۆزلەرنى 16-ئىيۇل ئامېرىكادىكى The Hill، يەنى «تۆپىلىك» ناملىق گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە، «خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2015-يىلى (ئاقساراينىڭ) باغچىسىدا جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىلەشتۈرمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. لېكىن ئۇ جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈردى. ئۇلار خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان خوڭكوڭ توغرىسىدىكى ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم›نى 50 يىلغىچە ئۆزگەرتمەسلىك كېلىشىمىگە ھازىر پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلدى. ئۇلار پارىژ ھاۋا كىلىماتى كېلىشىمىگە ئاساسەن ۋەدىلىرىنى ئىجرا قىلىشقا يېقىنمۇ كېلىپ قويمىدى» دېگەن
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا ھەقىقىي تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلماقتىكەن». ئۇ، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتمىسە ئۇنى بەدەل تۆلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پومپېيونىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا يول قويمايدىكەن. ئامېرىكا يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزغا ئۆزىنىڭ ئىككى ئاۋىئاماتكا گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ، خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان بۇ دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر باشلىغانىدى.