پومپېيو بىلەن جونسون خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 21-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ئۇلار دۇنيانىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكى ۋە تاشقى سىياسەت مەسىلىسى، جۈملىدىن خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرىكىتى، ئىران ۋەزىيىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن، ئەمما قانداق قارارلارنىڭ ئېلىنغانلىقى ھەققىدە مەلەئۇمات بىرىلمىگەن.

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 20-ئىيۇل ئېلان قىلغان «جونسون بېيجىڭ بىلەن توقۇنۇشقا كىردى» ناملىق ماقالىسىدە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى جونسون ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومېنىك رابنىڭ بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان خىتايغا قارىتا ئېلان قىلىۋاتقان نۇتۇقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى بايان قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت