ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ 23-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى نىكسون كۇتۇپخانىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئەركىن دۇنيانى كوممۇنىستىك خىتاينى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىشى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
مايك پومپېيو نۇتقىدا «ئەگەر ئەركىن دۇنيا كوممۇنىستىك خىتاينى ئۆزگەرتمىسە، كوممۇنىستىك خىتاي دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ،» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ نۇتقىدا ئىككى قېتىم ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان. «ۋال سترېت ژۇرنالى» گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، پومپېيونىڭ سۆزى «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا تولۇق ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىكەن.»
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مايك پومپېيونىڭ سۆزى «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان، خىتايغا كىمنىڭ ئەڭ قاتتىق تۇرىدىغانلىقى 11-ئايدىكى سايلامنىڭ ئالدىدا پرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئۇنىڭ رىقابەتچىسى جو بايدېن ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە ئايلانغان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. ئامېرىكادىكى «تۆپىلىك» (The Hillل) گېزىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، پومپېيو سۆزىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەلگۈسى مۇناسىۋىتىنى «ئەركىن دۇنيا بىلەن زومىگەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ» دەپ يەكۈنلەپ، خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرىنى بېيجىڭنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۈندىگەن.
ئەنگلىيە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مايك پومپېيونىڭ ئەركىن دۇنيانى «فرانكىشتايىن (غەرب ئەدەبىياتىدىكى ئادەمسىمان مەقلۇق) خىتاينىڭ يېڭى زومىگەرلىكى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشكە چاقىرغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى 24-ئىيۇل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەقرىزىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، 1979-يىلى باشلانغان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.