مايك پومپېيو ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىرىنى جازالاشنى ئالقىشلىدى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 31-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق، دېگەن ئەيىب بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى رەھبەرلىرىنى «يەرشارى ماگىنتىسكى قانۇنى» بويىچە جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بۇ خەۋەردىن كېيىن دەرھال بۇ ھەقتە ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قارارنى قىزغىن ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مايك پومپېيو «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ، دېيىشكە بولىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم، زور تۇتقۇن، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەجبۇرىي نوپۇس كونتروللۇقى قاتارلىق بىر قاتار قىلمىشلىرىغا قارشى دۇنياۋى تىرىشچانلىققا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى. بىز بۇ پرىنسىپال ھەرىكەتنى داۋام قىلدۇرماقچىمىز» دېدى.

باياناتتا 2020-يىلى 9-ئىيۇلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدار، شۇنداقلا «بىڭتۇەن» نىڭ بىرىنچى سىياسىي كومىسسارى چېن چۇەنگونى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا «بىڭتۇەن» نىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمدىلىكتە «بىڭتۇەن» نىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى رەھبەرلىرىنىڭمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

مايك پومپېيو باياناتنىڭ ئاخىرىدا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيەت سېپىگە قېتىلىشقا چاقىردى.