«مايك پومپېيو بىلەن كەچلىك پاراڭ: خىتاي خەلقىگە يوللانغان ئۇچۇر» ناملىق پروگرامما يولغا قويۇلدى

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بولغان «خودسون ئىنىستىتۇتى» يېقىندا «مايك پومپېيو بىلەن كەچلىك پاراڭ: خىتاي خەلقىگە يوللانغان ئۇچۇر» ناملىق يۈرۈشلۈك پروگرامما يولغا قويغان.

بۇ پروگراممىدا ئامېرىكانىڭ 70-نۆۋەتلىك سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك ر. پومپېيو (Michael R. Pompeo) خىتاي خەلقىگە خىتابەن سۆز قىلىپ، ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆزلەيدىكەن.

مەزكۇر يۈرۈشلۈك پروگراممىنىڭ بىرىنچى قىسمى 14-سېنتەبىر كۈنى ھەم خودسون ئىنىستىتۇتى تور بېتىدە ھەم يۇۋتۇپ تورىدا تارقىتىلغان. سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىرىنچى بۆلۈمدە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغداش بەدىلىگە ھەرىكەت قىلىدىغان بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق شۇكى، ئۇ خىتايغا ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مېنىڭچە خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭ يالغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى ھەقىقەتەن خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ خىتاي خەلقىنى باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا سەرپ قىلغان دۆلەت ئىچى مۇداپىئە چىقىمى دۆلەت سىرتىغا قاراتقان مۇداپىئە چىقىمىدىن كۆپ بولمىغان بولاتتى. ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۆتكۈزگەن بولاتتى. ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاتالمىش ​​خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىيەتتە ئۆز خەلقىگە قارشى.»

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پروگرامما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا خىتاي خەلقىنى مەلۇمات ئىگىسى قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.