مايك پومپېيو بىلەن NATO باش كاتىپى خالىفەكس خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە مۇنبىرىدە خىتاي ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ 22-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولنبېرگ خالىفەكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ قارا نىيىتى، ئىستراتېگىيەسى ۋە دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان.

مايك پومپېيونىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تەھدىتىگە قارشى مەيدانى يەنىلا مۇستەھكەم بولۇپ، بۇ يىغىندا مۇنداق دېگەن: «كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك ئەللەر قەدىرلەيدىغان تۈزۈلمە، ئاساس ۋە قىممەت قاراشلىرىغا غايەت زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى.»

يىغىندا مايك پومپېيونىڭ خىتايغا قارشى كۈچلۈك پوزىتسىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، جېنس ستولىنبېرگنىڭ پوزىتسىيەسى يۇمشاقراق بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي دۈشمەن ئەمەس، خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك.»

خالىفەكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە مۇنبىرى ھەر يىلى كانادادا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلار، دىپلوماتلار، ھەربىي ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنى ھېمايە قىلغۇچىلار قاتنىشىدىكەن.