ئۈرۈمچى بىلەن لەنجۇ ۋە شىنىڭ ئارىلىقىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى ئادەم توشۇشتا يۇقىرى رېكورت ياراتقان

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «غەربنى ئېچىش» ئىستراتېگىيەسىدە خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول قاتنىشىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك ترانسپورت لىنىيەسى ئېچىش قۇرۇلۇشى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى قىلىنغانلىقى مەلۇم.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۈرۈمچى بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى لەنجۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىنىڭ ئارىلىقىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى قاتناش باشلىغاندىن بۇيان 7 مىليون 500 دىن ئارتۇق يولۇچى توشۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئوق بېشى شەكىللىك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزى خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناشنى پەۋقۇلئاددە راۋانلاشتۇرغان بولۇپ، يولۇچى توشۇشتا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

ئالدىنقى ھەپتە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى چاغان مەزگىلىدە 3 مىليون 800 مىڭ يولۇچى توشۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق زور كۆلەمدىكى يولۇچى توشۇش ئىمكانىيىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئاقما نوپۇسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا سەلدەك ئېقىشىنى تېزلىتىدىكەن.