ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋە باشقا رايونلىرىدىكى ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدىكى پۇتبولغا بولغان ئالاھىدە قىزىقىش شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر كوماندىلىرىنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى يىللاردىن بۇيان دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئىدى.
ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىدا خىتاي دۆلەتلىك 15 ياشلىق ئۆسمۈرلەر كوماندىسى ئۆز سېپىگە بەش نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۇتبولچىنى تاللاپ قوبۇل قىلغان.
باغداش تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن ۋە مەزكۇر 15 ياشلىقلار تاللانما كوماندىنىڭ تىزىملىكىدىن قارىغاندا،مەزكۇر كوماندا 30 - ئىيۇلدىن 7 - ئاۋغۇستقىچە خوڭكوڭ ۋە ماكاۋدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 6 - نۆۋەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، مەزكۇر بەش ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۇلبولچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 ئەتراپىدا تاللانغان ماھىر مەركەزلىك مەشىق باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يەنە بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر ياش پۇتبولچى خىتاينىڭ دۆلەتلىك كوماندىلىرى تەركىبىدە مۇسابىقىلەرگە قاتناشماقتا، بەزىلىرى برازىليە ۋە باشقا دۆلەتلەردە مەشىق قىلىشقا ئەۋەتىلگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مەزكۇر بەش ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ بىراقلا خىتاي دۆلەتلىك 15 ياشلىقلار كوماندىسىغا مەشىق قىلىش ئۈچۈن تاللىنىشىغا قارىتا تورداشلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىش، پەخىرلىنىش ۋە ھاياجانلىق ئىنكاسلىرىقوزغالغان، شۇنىڭدەك خېلى ئۇزۇن تارىخى مۇساپىنى بەسىپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چۈشكەن.