2021-يىللىق «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرقى تاللاش باسقۇچىغا كىردى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ 2015-يىلىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان «ئامېرىكا ئۇيغۇر لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى بىرنەچچە كۈنلۈك جىددىي ئېلىشىشتىن كېيىن 6-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى.

2-سېنتەبىر باشلانغان 6-نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن «ئۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «مارىيلاند ئۇيغۇر كوماندىسى»، «بوستون ئۇيغۇر كوماندىسى»، «ئىزچىلار كوماندىسى»، «سان-فرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى» قاتارلىق ئالتە كوماندا جىددىي مۇسابىقىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. بىرنەچچە كۈنلۈك مۇسابىقە ئارقىلىق ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى يېقىنلاپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدا تاجسىمان ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيەتلىرى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن مەزكۇر مۇسابىقىمۇ توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ يول قويغان دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇسابىقە ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر بىرلەشمىسى» كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى جۈرئەت زاھىرنىڭ بىلدۈرىشىچە، گەرچە بىر قىسىم كوماندا ئەزالىرى كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇسابىقىگە كېلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يەنىلا ناھايىتى يۇقۇرى كەيپىياتتا داۋام قىلغان ھەمدە غەلىبىلىك ھالدا ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن. كالىفورنىيە شىتاتىدىن كەلگەن «سان فرانسىسكو ئۇيغۇر كوماندىسى» ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان «ئىزچىلار كوماندىسى» مۇسابىقە كەيىياتىغا يېڭى مەزمۇن قوشقان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ مۇسابىقىنى ھەر جەھەتتىن قىزغىن ۋە ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىدىن بەكمۇ مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن جۈرئەت زاھىر: «بۇ مۇسابىقە يالغۇز پۇتبول تېپىشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىك، ئۆملۈك ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئالغا سۈرۈش سورۇنىمۇ بولۇپ كەلمەكتە،» دېدى.