پۇتىن بىلەن ئەردوغان ئورتاق ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈرك-روس مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېز نورمال يولغا سېلىشنىڭ بەزى قەدەملىرىنى ئاتقان. ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئىستانبۇل يىلتىز سارىيىدا بىر سائەت 40 مىنۇت كۆرۈشكەن.

ئىككى ئەل رەھبىرى شۇ كۈنى «تۈرك ئېقىمى» ناملىق رۇس-تۈرك تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئەردوغان، «تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى نورماللىشىش تېز داۋاملىشىشىغا ئىشىنىمەن. مۇناسىۋىتىمىزنى بۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا تېخىمۇ كۆپ ساھەلەر بويىچە راۋاجلاندۇرىمىز» دېگەن.

ئۇ رۇسىيە رەھبىرى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، ئەردوغان بىلەن سۈرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىدا ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، « ئەمما ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشتىكى بىردىن- بىر توسقۇنلۇق قاتناش بىخەتەرلىكى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا تۈركىيە بىر رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ كەتكەندىن بېرى تۇنجى قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشىدۇر. رۇسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتى بۇ يىل 15‏-ئىيۇل تۈركىيەدە ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىشتىن سەل بۇرۇن ئېرىشقا باشلىغان ئىدى.

پرېزىدېنت پۇتىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئېنېرگىيە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن. لېكىن ئۇنىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان ۋاقتى رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى سۈرىيە مەسىلىسى سەۋەبلىك ناچارلىشىپ كەتكەن مەزگىلگە توغرا كېلىپ قالدى.

ئامېرىكا يېقىندا رۇسىيە بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ھەلەپ شەھىرىدە بىگۇناھ پۇقرالارنى بومباردىمان قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.